ھەجەرنىڭ ئۈمىدى
سىزنىڭمۇ ھەجەرگە ئوخشاش خورلانغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ بەلكىم سىز ھازىر ھاياتىڭىزدا ناھايىتى قىيىن ۋاقىتلارنى بېشىڭىزدىن ئوتكۈزىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. ھەجەر شۇ خورلانغان ۋاقىتلاردا چوقۇم،”خۇدا مېنىڭ ئازاپلىرىمنى كۆرىۋاتامدۇ، – دەپ سورىغان، بەلكىم سىزمۇ شۇ سوئالنى سوراۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. ھەجەر ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان بىر خىزمەتكار، ئۇ قايتىلاپ ئارقا-ئارقىدىن خورلۇققا ئۇچرىدى، ھەمدە يىراقلارغا قوغلاندى. بىراق ھەر قېتىم ئۇ قوغلىنىپ خورلۇققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنى كۆردى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا نامايەن قىلدى. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: – پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى – . خۇدانىڭ پەرىشتىسى ھەجەرگە سۆز قىلغاندىن كېيىن، ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: – مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم! – دېدى، ھەم ئۆزىگە سۆز قىلغان خۇدانى: – مېنى كۆرگۈچى خۇدا – دەپ ئاتىدى. ھەجەر چۆلدە، ئۆزى يالغۇز، ئازاپ ئىچىدە ئۈمىدسىز قالغاندا خۇدا ئۇنى كۆردى. خۇدا سىز ۋە مېنىڭ ئازاپلىرىمىزنى كۆرگۈچىدۇر. ئۇ بىزنى كۆرىدىغان ۋە بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغان خۇدادۇر.
ھەخەرنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ (يارىتىلىش 16، 21: 1-21)
سۈيى تۈگەپ قالغاندا، ھەجەر بالىسىنى چاتقالنىڭ سايىسىگە قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ئوغلۇم ئۆلەي دەپ قالدى. مەن قاراپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىدىمايمەن!» دەپ، بىر ئوقيا يېتىم يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرد-پەرياد قىلىشقا باشلىدى. بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە: ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى
يارىتىلىشى 21: 15-17
دۇئا
ئىھ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار! سىز بىزنىڭ ھەر بىر ئازاپلىرىمىزنى كۆرىدىغانلىغىڭىز ئۈچۈن سىزنى مەدىھلەيمىز. سىز بىزنىڭ قورغانىمىز ۋە پاناھگاھىمىزدۇرسىز. بىز ئۈمىدىمىزنى سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزدىن تاپقايمىز
