كۆڭۈل بۆلىدىغان جۇدا
ئازابلىق قىيىن كۈنلىرىڭىزدە، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەندەك ھېس قىلامسىز؟ بەزىدە ھاياتىمىزدا بىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان ئادەملىرىمىزمۇ بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇددى بىز بىلەن كارى بولمىغاندەك ھېس قىلىمىز. بىراق خۇدا بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بىزنىڭ ھەر قاچان ئۇنىڭ ئالدىغان كېلىشىمىزنى كۈتىدۇ. بارتىماي خۇدادىن شەپقەت تىلەپ ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىغا كېلىشتىن توسۇيدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختايدۇ ۋە ئۇنى ئالدىغا كېلىشكە چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمىگە مۇھتاجلىقىنى سورايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە كۆر كۆزىنى ئاچىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش خۇدا بىز قىيىنچىلىقتا قالغاندا بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىزنىڭ شەپقەت ئۈچۈن تىلىگەن ئىلتىجايىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى ئۆزىگە كېلىشكە چاقىرىدۇ. مەيلى خۇدا بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى يېنىكلەتسۇن، ياكى شۇ قىيىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويسۇن، ھەر قانداق ئەھۋالدا، يەنى كۈنىمىز ياخشى ياكى قىيىن بولسۇن، ئۇ(خۇدا) ياخشى، مىھرى-شەپقەتلىك،ھەر دائىم بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بىز بىلەن بىللە خۇدادۇر. |
– مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ – دەپ سورىدى
– ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! – دېدى
دۇئا
خۇدا سىزنى مەدىھلەيمىز، چۈنكى سىز بىزگە كۆڭۈل بۆلىسىز. بىز قىيىنچىلىقتا قالغاندا مىھرىبانلىقىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە كېلىشكە چاقىرىسىز. ھېچقانداق بىرسى، ئۇلار بىزنى مەيلى قانچىلىك سۆيسۇن، سىزدەك بىزنى ھەر ۋاقىت چۈشۈنۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ئەمەس. سىز مېھرىبان، ياخشى ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرسىز. سىزنىڭ ھەر قاچان ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز