ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى
ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىدا، ھاياتى، بەرگەن تەلىمى، كۆرسەتكەن مۆجىزىسى ۋە ئىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى ئەتراپىدىكىلەرگە نامايان قىلدى. بىر قېتىملىق جەلىلىيە كۆلىدە تەبىئەت ئۈستىدىكى ھوقۇقىنى نامايان قىلىدۇ كۈن ئولتۇرۇپ كەچ كىرەي دېگەندە، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۇش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار شىددەتلىك، ناھايىتى كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ھەم ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق ۋە خەتەر ئىچىدە، ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى ياستۇققا قۇيۇپ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ شاگىرتلار بولسا قورقۇنچ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بوران-چاپقۇن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. ۋەھىمە ئىچىدە قالغان شاگىرتلار ئۇخلاپ ياتقان ھەزرىتى ئەيسانى ياردەم قىلىشقا چاقىرىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا خاتىرجەم، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇخلىشىدىن، بىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى ئۇلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كېمىنىڭ رولىنى كونترول قىلىشقا، ياكى بولمىسا كېمىگە توشۇپ كەتكەن سۇنى چىقىرىشقا ئالدىرمايدۇ. ئەكسىچە، ئورنىدىن تۇرۇپ، ناھايىتى سالماقلىق بىلەن بورانغا ۋە دېڭىزغا ”توختا! تىنچلان!” دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوران دەرھال توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىيدۇ. بوران ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇدرەتلىك سۆزىگە بويسۇنىدۇ. مۇشۇ مۆجىزىلىك دەقىقە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقىنى ئېنىق نامايان قىلىدۇ. خۇددى بۇ دۇنيا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە يارىتىلغانغا ئوخشاش، ھەزرىتى ئەيسامۇ ئۆز سۆزى ئارقىلىق تەبىئەتنى بويسۇندۇرىدۇ. مەيلى ئۇ شىددەتلىك بوران، گۈلدۈرماما، دېڭىزدىكى قالايمىقانچىلىق بولسۇن – ھەممىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇدرەتلىك باشقۇرىشى ئاستىدىدۇر شاگىرتلارنىڭ بۇ مۆجىزىگە بولغان ئىنكاسى بولسا، ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچ بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئالدىدا ئۇلار ئەيمەنگەن ھالدا، ”بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن”، دەپ ئېيتىشتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بوران–چاپقۇندىن كەلگەن قورقۇنچىنىڭ ئورنىنى، بورانغا ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچىگە بولغان قورقۇنچ ئىگىلىدى. شاگىرتلارنىڭ: ”بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟” دېگەن سوئالى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سورىلىپ كېلىۋاتقان، ۋە بىزلەرنىمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ۋە قۇدرىتىنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىغان سوئالدۇر |
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەبىئەت ئۈستىدىكى ھوقۇقى توغرۇلۇق ئوقۇماچى بولسىڭىز، بۇ يەرنى بېسىڭ
دۇئا
مەدھىيلەشكە لايىق بولغان پەرۋەردىگار خۇدا، ئاجايىپ قۇدرىتىڭىز بىلەن بىزنى ھەيران قالدۇرغايسىز، ۋە شۇ ئۇلۇغلىقىڭىز بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە يېقىن قىلغايسىز. روھىي كۆزلىرىمىزنى ئېچىپ سىزنىڭ ”كىم” ئىكەنلىكىڭىزنى تونىيالىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بەرگەيسىز، ھەم سىزگە ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرغىچە سەجدە قىلىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلغايسىز! پەقەت سىزلا مەدھىيەگە لايىقتۇرسىز