ئەيسا مەسىھنىڭ ھوقۇقى

كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا، مەيلى تېلىۋېزىيە خەۋىرى، كۈندىلىك خەۋەر ۋە ياكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بولسۇن، “ياخشى ياكى يامان” قىلمىشلار توغرۇلۇق پاراڭلار بولىدۇ. مەيلى بۇ ۋەقەلىك چۈشۈنىشلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاساسلىق مەزمۇنى”گۇناھ” تېمىسىغا مەركەزلەنگەن. كىنو ياكى تېلىۋېزىيە چاتما فىلىملىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ياخشى ۋە يامان پېرسوناژلارنىڭ ھاياتى، ۋە بەزى دىندارلارنىڭ ئۇلارنى يامان ئىشتىن توختاشقا تەشەببۇس قىلىشقا ئاساسلانغان. ئۇنداقتا، “گۇناھ” ئۇقۇمى پەقەت ئەسكى ئىشلارنى قىلىشلىمۇ؟

مۇقەددەس كىتابتا گۇناھ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەنگەن. بىراق مۇقەددەس كىتابتىكى گۇناھ ئۇقۇمى، بىز ئاڭلاپ كەلگەن”ياخشى، يامان” دەپ باھا بەرگەن گۇناھ ئۇقۇمىدىن كۆپ پەرقلىق. مۇقەددەس كىتابتىكى گۇناھ ئۇقۇمى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەۋىسىمىز بىلەن قىلىنغان خاتا تاللاشنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ ئەسلىدىن ياراتقان مۇكەممەل دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىمىزدۇر

دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدا ، خۇدا بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتتى، ھەم ئۇلار نى ياخشى دېدى. بىراق شەيتان پەيدا بولدى، ۋە شۇ يارىتىلغان بارلىق “ياخشىنى” بۇزىشقا باشلىدى. شەيتان داۋاملىق بۇ دۇنياغا چىرىكلىك ۋە زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلدى، ئىنسانلارمۇ شەيتاننىڭ رەزىل سۈيقەستىگە ئەگىشىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئىنسانلار، مەيلى يالغۇز ياكى جامائەت ئىچىدە بولسۇن، ئۇلار بىر-بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۆزئارا باستۇرۇشقا باشلىدى. مەسىلەن: ئەيسا مەسىھنىڭ زامانىدا، كۈچلۈك بولغان رىم ئىمپىريەسى يەھۇدىيلارنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. بەزى يەھۇدىيلار ئۇلارغا ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت ۋە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ، ئۇلار ئارىسىغا سىڭىپ كىردى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇلارغا قارشى تۇردى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشى ئۈچۈن رىم ھۆكۈمىتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى

شۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنى يەھۇدىيلارنى رىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزىدىغان بىرسى دەپ ئويلىدى. لېكىن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئەركىنلىك توغرىسىدىكى تەلىمى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن پەرقلىق ئىدى. ئۇ ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ رىم ئىمپىريەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىن ئەمەس، بەلكى گۇناھنىڭ قۇللىقىدىن ئازاد بولۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، چۈنكى ئۇلار ئېتىقاد قىلغان دىنىنىڭ ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ھەم توغۇلىشىمىزدىنلا خۇدا بىزنى قوبۇل قىلغان دەپ ئىشىنەتتى. ئۇلار پەقەت خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى بۇ دۇنيادا تىكلەيمىز دەپ ئويلايتى. ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھدىن ئازاد بولۇش دېگەن تەلىمى ئۇلارغا ياقمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنى رەت قىلىپ، ياراتقان مۆجىزە ۋە ئۇلۇغ كارامەتلىرىنى شەيتاننىڭ كۈچىگە تايىنىپ قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئەگەر بىر ئىنسان ئۆزى خالاپ شەيتاننىڭ سۈيقەستىگە ماسلىشىپ گۇناھ ئىچىدە ياشىسا، بۇنىڭ جىن چاپلاشقاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەيلى سىز قايسى مىللەت ياكى قايسى دىندىن بولۇڭ، يالغان سۆزلەش، ئالدامچىلىق قىلىش، ۋە تۆھمەت قىلىشلارنىڭ ھەممىسى، يالغانچىلىقنىڭ بىرى بولغان شەيتان بىلەن    ھەمكارلاشقانلىقتۇر دەپ ئېيتىدۇ

سىز، مەيلى قانچىلىك تىرىشىڭ، باشقىلار تەرىپىدىن ياكى ئۆزىڭىز بولۇڭ يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، تۆھمەت ۋە ناھەقچىلىقدىن مۇستەسنا بولالمايدىغىنىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟

شۇڭا ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىزنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى، ھەم ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن ۋە گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى بولغان ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ

ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھ ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بۇ يەرنى بېسىڭ

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر، 8- باب ، 31-59

دۇئا

مۇقەددەس ۋە مۇكەممەل بولغان پەرۋەردىگارىمىز، بىز ھاياتىمىزدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رەزىل گۇناھلىرىمىزنى، ھەم بۇ گۇناھلار ئۈستىدىن ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلالمايدىغىنىمىزنى ئىقرار قىلىمىز. سىز قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، بىز ئىنسانلارنىڭ گۇناھدىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن يول ھازىرلاپ بەردىڭىز. بىزنى بۇ نىجاتلىق يولى ئارقىلىق گۇناھدىن ئازاد قىلغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت