ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

ھەزرىتى ئەيسا ئۆز سۆزى ۋە قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا تەلىم بەردى. ماركۇس بايان قىلغان خۇش-خەۋەرنىڭ 2: 1-12 ئايەتلىرىدە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر ئادەمنى ساقايتىپ ۋە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھەزرىتى ئەيسا بۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سۆزى ۋە قىلغان ئىشلىرىدا بىزنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساقايتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. تۆت ئادەم بىر پالەچ دوستىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بۇ پالەچنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈشەندىڭىزمۇ، دوستۇم؟ ھەزرىتى ئەيسا گۇناھنىڭ بۇ دۇنيادىكى چوڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن رەزىللىكلەر – ئاپەتلەر، ئاجرىشىش، ئىنسانلارنىڭ خۇدانى رەت قىلىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھنىڭ ئاقىۋىتىدىندۇر. گۇناھ ئىنسانلارغا بىر تەھدىتتۇر.شۇڭا بۇ پەلەچكىشىنىڭ خۇداگا ۋە باشقىلارغا يېقىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بىراق شۇ سورۇندىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزىنى خۇداغا كۇپۇرلۇق دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوق دەپ ئىشىنىدۇ. بىراق ھەزرىتى ئەيسا مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، بۇ پالەچنىڭ كېسىلىنى ساقايتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز بىرسىگە، «سەن كەچۈرۈمگە ئېرىشتىڭ« دېسىڭىز، راست شۇنداق بولغانلىقىنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ. بىراق بىر پالەچ ئادەم ساقىيىپ ماڭسا بۇ ھەممىگە ئاياندۇر. ھەزرىتى ئەيسا بۇ پالەچنى ساقايتىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا، ئۇ مەسىھتۇر، ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر، ئۇ گۇناھنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر

ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھ ۋە كېسەللەر ئۈستىدىكى ھوقۇقى توغرۇلۇق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.

ماركۇس 1:2-12

دۇئا

شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگار خۇدا، سىز كۆز بىلەن كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان ھەرقانداق كېسەللىككە شىپالىق بەرگۈچىدۇرسىز. بىزنى كېسەللەردىن ساقايتقۇچىدۇرسىز. مەسىھ ئەيسا نىجاتكار ئارقىلىق بىزنى گۇناھلاردىن ئازاد قىلغۇچىدۇرسىز. ھەر قاچان روھىي ۋە جىسمانىي شىپالىق ئۈچۈن سىزگە كېلەلىشىمىزگە ياردەم بەرگەيسىز. بىز سىزنىڭ شاپائېتىڭىزگە لايىق بولمىساقمۇ، ئۆز رەھىمدىللىكىڭىز ۋە مېھرىبانلىقىڭىز ئىچىدە بىزنى ساقايتىپ شىپالىق بەرگۈچىدۇرسىز. سىزنىڭ ئۇلۇغ نامىڭىز ھەر ۋاقىت مەدھىيلەنسۇن!