پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسە

بۇ سىندا ئەيسا مەسىھنىڭ، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى بولغان بىر پاك قىزدىن تۇغۇلغانلىغىدىكى مۇھىم نۇقتا سۆزلەنگەن. بۇ نۇقتا نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟

بۇ يەرنى بېسىپ ئىنجىلدىن ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلىشى توغرىسىدىكى ۋەقەلىرىنى ئوقۇڭ

ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەرگە خۇداغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنى سۆيۈش توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي ئۆلۈمالار ئۇنىڭ بۇ تەلىمىنى رەت قىلىدۇ؟

بۇ يەرنى بېسىپ ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمى ۋە دىنىي رەھبەرلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشنى ئوقۇڭ

ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ

خۇدا، گۇناھنىڭ جازاسى ئۆلۈم، دەيدۇ. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا گۇناھ ئوتكۈزگەندە، خۇدا ئۇلارنىڭ تېنىنى يېپىش ئۈچۈن تۇنجى ھايۋاننى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنداقتا مۇقەددەس كىتابتىكى بىرىنچى ئۆلۈم ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى شۇ مۇكەممەل مۇناسىۋەتكە قايتىش ئۈچۈن يەنە قانداق ئۇلۇغ قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك؟ 

بۇ ھېكايىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ

بىگۇناھ ھابىلنىڭ يەرگە تۆكۈلگەن قېنى ئادالەت ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلىۋاتىدۇ. ئادالەت قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدۇ؟ قابىلنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر يول بارمۇ؟

تېخىمۇ كۆپرەك ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بۇ يەرنى بېسىڭ

بۇ سېنالغۇدا، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئۆز جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر يول، يەنى كېمە تەييارلاپ  بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. سىزنىڭچە نېمە ئۈچۈن بەزىلەر بۇنىڭغا كىرىشنى رەت قىلىدۇ؟

   سىزنىڭچە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى بىز ئۈچۈن  ئۈلگە بولامدۇ؟

كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇ قىسسەنى قانداق چۈشەنگەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ

ئەگەر خۇدا شۇنداق مىھرىبان بولسا، گۇناھىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن بىزدىن مۇكەممەل بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلامدۇ، ياكى چەكسىز ئىلتىپاتى (مىھرىبانلىقى) بىلەن بىزگە مۇكەممەل قۇربانلىقنى تەمىنلەپ بېرەمدۇ؟

بۇ يەرنى بېسىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىقى قىلىشى توغرىسىدىكى قىسسەنى ئوقۇڭ

بۇ سىندا  مىسىرلىقلارنىڭ ئىسرائىللارغا قىغان رەزىللىكى سەۋەبىدىن، ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەرنى سۆزلەيدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارمۇ قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلىشى كېرەك؟

خۇدا، ‘قان سىلەر ئۈچۈن بىر بەلگە بولىدۇ’ دېگەندە، نېمىنى بىلدۈرمەكچى؟

بۇ يەرنى بېسىپ ئەسلىدىكى ۋەقەلىكنى ئوقۇڭ. —

مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات مۇكەممەل ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۆتمۈشتىن ياشاپ كەلگەن خۇدانىڭ خەلقى بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھېچقانداق بىر ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا مۇكەممەل بويسۇنالىغان ئەمەس. تەۋرات قانۇنى يۇقۇرىغا ئۆرلەيدىغان شوتا بولماستىن، بەلكىم بىز ئۈچۈن شۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلغان مەسىھنى تونۇشقا يېتەكلەيدىغان بىر بەلگە بولسىچۇ؟

ئەيسا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا قانداق قارايدىغانلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ 

بۇ يەرنى بېسىپ ئۇلارنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىغىنى ئوقۇڭ