بىز كىم؟
مەخسەت نېمە؟
بىردىن بىر، ھەقىقى، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان، ئەڭ رەھىمدىل ، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى بولغان خۇدادىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاشتۇر. بىردىن بىر ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە، بىز ئىنسانلارغا رەھىم شەپقەت كۆرسەتتى .
داۋۇت ئەيلەھىسسىلام خۇدانىك سۆزلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى :
«مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى. قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن. شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرار مەن بەندەڭنى، چىڭ تۇرغۇچى بۇلاردا ئالار كاتتا ئىنئامىنى.»
زەبۇر 19: 7، 10، 11
يەشايا پەيغەمبەرمۇ يەنە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:
« ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ. پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرىلا ئەبەدىي قالىدۇ.»
يەشايا 40 :8
بۇ تور بەت خۇدانىڭ قۇدرەتلىك ۋە قىممەتلىك سۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىلىق ھەقىقەتلەرنى ئاڭلىشى ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ، خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىنى مەقسەد قىلغان.
خۇدا ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىزلەرگە ئايان قىلىپ، بۇ ئاخىرقى زاماندا بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي!