دانىيالنىڭ ساداقەتمەنلىكى

سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن كۈچلۈك ھۆقۇقدارلار تەرىپىدىن خارلانغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ دانىيال پەيغەمبەر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پادىشاھ تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا بابىلۇن ئىمپىريەسى ئۇ تۇرىۋاتقان شەھەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇنى بابىلۇنغا سۈرگۈن قىلىدۇ. دانىيال مەجبۇرى ھالدا يات ئەل تەرىپىدىن تەربىيلىنىدۇ، ئىسمى ئۆزگەرتىلىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگۈنىدۇ. ئۇ يات ئەلدە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلغان خۇداسى ۋە يېگەن تاماقلىرىمۇ دانىيالنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. دانىيال ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى شۇ ھۆكۈمەتىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورۇنلىرىغا خىزمەت قۇيۇپ، دۈشمەن  ئېلىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ

بەلكىم سىز، «دۈشمەن ئۈچۈن ئىشلىدى؟ ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قارشى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆز ئەن-ئەنىسىدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ شۇنداقتەك كۆرىنىدۇ، بىراق بىز بۇ ۋەقەلىكنى داۋاملىق ئوقۇيدىغان بولساق، بۇ ھېكايىنىڭ نۇقتىسى دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ پەرۋەردىگار خۇداغا ساداقەتمەنلىكنى تاللاپ، بابىلۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى قانداق رەت قىلغانلىقىغا مەركەزلىشىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار بابىلۇنلىقلارنىڭ بۇتىغا چوقىنىشنى رەت قىلىدۇ، لېكىن بۇنى زوراۋانلىق ئىچىدە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىگە مۇھەببەت كۆرسىتىش سەۋەبىدىن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خۇدا دانىيالنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئاقلايدۇ، ھەم ئۇنىڭغا كۈچ ۋە ئەقىل-      پاراسەت بېرىپ، بۇتپەرەسلەر ئالدىدا خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى نامايان قىلىدۇ

دانىيال 2: 19-21

،مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد 
.مەڭگۈ ئۇنىڭغا ياردۇر ئەقىل ۋە قۇدرەت
،ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى 
.ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى 
.ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ 

دۇئا

سىز ئىنسانلارغا جاسارەت ئاتا قىلغۇچىدۇرسىز. مەيلى مەن ھاياتىمدا قانداق ئازاب ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولىقاي، پەرۋەردىگارىم پەقەت سىزدىن كەلگەن كۈچ ئارقىلىق بەرداشلىق بېرەلەيمەن. ماڭا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەرگۈدەك كۈچ بەرگەيسىز. مەيلى مېنىڭ ئەھۋالىم قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر سىزگە بولغان ساداقىتىمنى ساقلىغايمەن. ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار نامىڭىز ئۇلۇغ بولغاي!