ئەيسا مەسىھنىڭ شەيتان ئۈستىدىكى ھوقۇقى

بىز ھەممىمىز ئىنسانلارنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز ياشاۋاتقان  بۇ دۇنيادا  كۆز  بىلەن كۆرەلمەيدىغان، ھەم بىزدىن كۈچلۈك بولغان روھلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار قۇلاق تۈۋىمىزدە يالغان سۆزلەرنى پىچىرلاپ، بىزنى گۇناھقا ئازدۇرىدۇ. بۇ بىزنى ئاسانلا قورقۇنچقا سالىدۇ. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ روھلارنى تىنچلاندۇرماقچى ياكى يىراقلاشتۇرماقچى بولغان. مەسىلەن، ئۇسۇل ئويناش، ئالاھىدە كىيىملەرنى كىيىش، بەزىلەر يامان كۆزگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆيلىرىگە ئېسىش،  ياكى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بويۇنلىرىغا تاقاش، بەزىلەر ئۆز تېنىنى كېسىپ زەخىملەندۈرۈش، ياكى ئالاھىدە ئايەتلەرنى ئوقۇش، ۋە ياكى قۇربانلىق قىلىش (بۇ ھەتتا ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، ئارقىلىق يامان روھلارنىڭ ئۆزىگە يېقىن كەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

بۇ يامان روھلارنىڭ كۈچى خۇددى مافىيە گاڭىستىر ياكى رەزىل ھۆكۈمەتكە ئوخشاش سىزنى مونۇپۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يامان نىيەتلىرىنى سىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىغى ئۈچۈن، سىز ئاسانلا ئۇنىڭغا باش ئېگىسىز. بىراق، سىز ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلسىڭىزچۇ؟ بىرسىنىڭ بۇ روھى كۈچلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى يەر يۈزىدە نامايان قىلغانلىقىنى بىلسىڭىزچۇ؟

بۇ ھېكايىدە، بىز بۇ كىشى  __ ئەيسا مەسىھ بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. ئۇ شەيتاننى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق يامان روھلارنى چۆلدە سىنىلىنىش جەريانىدا  مەغلۇپ قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇدانىڭ ئەرشتىكى پادىشاھلىقى ۋە ھۆكۈمدارلىقىنى يەر يۈزىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ شەيتاندىن غالىب كېلىشى، چۈنكى ئۇ خۇدانى بىلەتتى، ھەم مۇكەممەللىك ئىچىدە خۇدا بىلەن بىرگە ئىدى. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز خۇدانى تونۇيالايمىز، ھەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىر ئەزاسى بولالايمىز، ھەتتا شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۈچىگىمۇ تاقابىل تۇرالايمىز

دۇئا

قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا سىزنى مەدىھلەيمىز، چۈنكى سىزدىن قۇدرەتلىك بولغان يەنە بىر مەۋجۇدات يوقتۇر. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىزنى تونۇيالايدىغانلىقىمىز، ھەم شەيتانغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. بىزنى پەقەت ئۆزىڭىزدىنلا ئەيمىندىغان ئىخلاسمەنلەردىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ روھىي كۈچلىرىدىن قورقمايدىغان جاسارەتلىك ئەگەشكۈچىلەرىڭىزدىن قىلغايسىز