ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

بىز جىنلاردىن قورقىمىزمۇ؟ ئۇلاردىن قورقۇشىمىزدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار. ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، كۈچلۈك، رەزىل ۋە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئۇلار ئىنسانلارنى كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئەنسىرلىككە سېلىپ، گۇناھ قىلىشقا تۈرتكە قىلىدۇ. بۇ قورقۇنۇچلارنىڭ كونتروللىقى ئاسارىتىدە بىز ناھايىتى نائىلاج ئەھۋالدا قالىمىز، يەنى ئېغىر كۈشەن بىلەن باغلانغاندەك ھېس قىلىمىز. بىراق، بۇ جىن-ئالۋاستىلارنىڭ كۈچى يەنىلا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ كونتروللىقى ئاستىدادۇر 

ماركۇس بايان قىلغان خۇش-خەۋەر 5: 1-20 قىسمىدا ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆپلىگەن جىن چاپلاشقان بىر ئادەمگە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ ۋاقىتقىچە ھېچقانداق بىر ئادەم ئۇ كىشىنى كونترول قىلالىغان ئەمەس. ئۇ ناھايىتى ياۋايى ۋە خەتەرلىك بولۇپ، ئادەملەر بېرىشنى خالىمايدىغان جاي — مازارلىقتا ياشىغان. ئۇ كۈچلۈك زەنجىرلەر بىلەن كىشەنلەنگەن. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ كىشى ھەزرىتى ئەيساغا يۈكۈنۈپ ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىملىكىنى بىلگەچكە ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، ھەم ئۇنى “ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى” دەپ چاقىرىدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ھەقىقىي ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھدىلا جىن-ئالۋاستىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قۇدرەت باردۇر. پەقەت بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھەزرىتى ئەيسا جىن چاپلاشقان كىشىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى قورقۇنچ كىشەنىدىن بىراقلا ئازاد قىلدى. خۇدانىڭ قۇدرىتى ئۇنى جىن-شەيتاننىڭ كونتروللىقىدىن ئازادلىققا ئېرىشتۇردى 

جىن-شەيتانلاردىن قورقۇش تۇيغۇسى قەلبىمىزنى بېسىۋالغاندا، بەزىلەر يامان كۆز بىلەن، ئايەت يادقا ئېلىش بىلەن ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ. بىراق بۇلار سېھىرگەرلىككە يېقىن بولۇپ، خۇدانىڭ يولى ئەمەستۇر. بىز ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئىشەنچىمىز ئارقىلىقىلا جىن-شەيتانىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز، ئۇلاردىن قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن 

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىن-شەيتانلار ئۈستىدىكى ھوقۇقى توغرىلىق ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بۇ يەرنى بېسىڭ
 

 20-1:5 ماركۇس

دۇئا

ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن نەرسىلەر سىزنىڭ باشقۇرىشىڭىز ئاستىدا. مەيلى ئۇ ناھايىتى رەزىل ياكى قورقۇنۇچلۇق بولسۇن يەنىلا سىزنىڭ قۇدرىتىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىز ئاستىدادۇر. سىزنى مەدىھلەيمىز، سىزگە ئىشەنچىمىز بولغاچغا، جىن-شەيتاندىن قورقىشىمىز ھاجەتسىز. قۇدرىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلغايسىز! بىزنى قورقۇنۇچتىن خالىي قىلغايسىز! ھەر ۋاقىت سىزگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلغايسىز