ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم ئۈستىدكى ھوقۇقى

ياشلىقىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمۇ؟ تارىختىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر كۆپلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆلۈمنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى. بىراق، ئۆلۈم ھەر بىر جانلىق باشتىن كەچۈرىدىغان بىر قانۇنيەت، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. بۇ لۇقا بايان قىلغان خۇش-خەۋەرنىڭ 7- بابىدا تىلغا ئېلىنغان تۇل ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر بىر رېئاللىقنىڭ بىرسى. بۇ ئايەتلەردىن، ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ دەۋردە تۇل قېلىشنىڭ ناھايىتى قىيىن ۋە قايغۇلۇق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىراق بۇ تۇل ئايال تېخىمۇ ئېغىر بىر ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتاتتى، يەنى يالغۇز ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ، جىنازا ئۇزىتىۋاتاتتى. بۇ ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ۋە ياردىمى جىنازىدا ئېلىپ مېڭىلغان ئوغلىغا باغلانغان ئىدى. ئۇنىڭ قايغۇسى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە شۇنچىلىق ئېغىر ئىدى

بىراق شۇ چاغدا ناھايىتى ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى شۇ كۈنى ئۇستاز، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، تاۋۇت كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ۋە ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ يىغلاۋاتقان تۇل ئايالنى كۆرىدۇ. بۇ ئايەتلەر يەنە ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇل ئايالغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «يىغلىماڭ» دەپ تەسەللى بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ جىنازىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، «يىگىت، ئورنىڭدىن تۇر» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، ئۆلگەن ئادەمنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ھەيران قالارلىق بىر مۆجىزە كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنسان تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قۇدرەتنى، يەنى ئۆلۈم ئۈستىدىكى قۇدرەتنى نامايان قىلىدۇ

ھەقىقەتەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرىتى بار. ھەزرىتى ئەيسا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە قېتىم ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ ئۆلۈم ئۈستىدىكى قۇدرىتىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى، ئۆلۈم ئۈستىدىكى قۇدرىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى. ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلدى، ئۆلتۈرۈلدى، كۆمۈلدى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزى پېچەتلەندى. لېكىن، ئۆلۈم ئۇنى قەبرىدە تۇتۇپ قالالمىدى، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، ئۆلۈم ئۈستىدىكى قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇدرىتى. ئۇ يەنە ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى (ئىنجىل يۇھاننا 11: 25-26)

سىزمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇ ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى تېتىپ بېقىشنى خالامسىز؟

دۇئا

پەرۋەردىگار خۇدا سىزگە مەدھىيلەر بولسۇن! سىزگە ئېتىقاد قىلغانلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمنىڭ زەھىرى يوقالدى، قەبرىمۇ ئۇلارنى تۇتۇپ قالالمايدۇ. پەرۋەردىگار سىز رەب ئەيسانى ئەۋەتىپ، ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى يوق قىلدىڭىز. ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بىلەن ئۆلۈم تەھدىتىدىن بىزنى ئازاد قىلدىڭىز، ۋە بىزگە مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى تەييارلاپ بەردىڭىز. بىزنى بۇ يولدا داۋاملىق يىتەكلىگەيسىز، ھەم بۇ يولدىكى ئېتىقادىمىزنى كۈچلەندۈرگەيسىز