پەقەت چۈشلا ئەمەس

دىنىنىڭ كۆرگەن چۈشى

قەدىر كەچىسىدە، دىنى مۇنداق بىر دۇئا قىلدى:

«ئى ئاللا مېنىڭ چىن دىلىمدىن سېنى رازى قىلغۇم كېلىدۇ. ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگىن.  قەيەرگە باشلىساڭ مەن شۇ يەرگە ماڭىمەن.»

 

ئۇنىڭ قىلغان دۇئاسى زەبۇر 25: 1-5 دىكى ئىلتىجالارنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:
«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا سېغىنىپ ئوقۇيمەن دۇئا.»

«ئى پەرۋەردىگار ، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئ‍ۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى. تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى.»

 

زەبۇردىكى بۇ دۇئا قىلغۇچىغا ئوخشاش، دىنى پۈتۈن قەلبىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن توغرا يولنى كۆرسىتىشنى تىلىدى، ۋە پەرۋەردىگارغرغا چىن قەلبىدىن ئەگىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

 

 پۈتۈن مۇناجاتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.