خۇدا نېمىشقا قېيىنچىلىقىمنى ئالدىنى ئالممايدۇ؟

مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. بۇ مەزمۇنلار يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياقا يۇرتلاردا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى  باشقا ئەلگە قۇل قىلىپ سېتىۋەتكەن ، ھەم بۇ جەرياندا ھەر خىل  قىيىنچىلىق ۋە ئادەلەتسىزلىكلەرنى بېشىدىن ئوتكۈزگەن بولسىمۇ،بىراق پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. پەرۋەردىگار خۇدا يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپلا قالماي، ئۇنى يەنە شۇ ۋاقىتتىكى مىسىرنىڭ باش  ۋەزىرلىكىگە، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن قالسىلا ئىككىنچى يۇقىرى ئورۇنغا  ئولتۇرغۇزىدۇ. پەرۋەردىگار نېمىشقا يۈسۈپنى زىنداندىن قۇتقۇزىدۇ؟ چۈنكى خۇدا كەلگۈسىنى كۆرگۈچى بولغاچقا، ئۆزى تاللىغان ياقۇپ،  يۈسۈپكە ساتقۇنلۇق قىلغان قېرىنداشلىرىنى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى كەلگۈسىدىكى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،  يۈسۈپنى ’قۇتقۇزغۇچى‘ قىلىپ، ئالدىن بۇ ئورۇنغا قويىدۇ. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى شۇنچە ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنىڭ بۇ  رەزىل قىلمىشلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاخىردا يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى‘‘. (يارىتىلىش 20:50) 

يۈسۈپنىڭ ھېكايىسى مۇقەددەس كىتابتىكى ئەڭ مەركىزى نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىكى مۇھىم باياندۇر  خۇدانىڭ ئازاپ چەككۈچى خىزمەتكارى، گەرچە  ئۇ بىر ھۆكۈمدار بولسىمۇ، ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئۈچۈن بۇ زىمىنغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇنى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى قىلىپ ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

يۈسۈپ ئەلەيھىسىلامنىڭ تولۇق ھېكايىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ (بېسىڭ)

يارىتىلىش 37: 39-50 نى ئوقۇڭ

سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 50:20

دۇئا

ئەي رەببىم، ئازاپ—ئ‍وقۇبەتلەر ئىچىدە بىزدىن نەزىرىڭنى ئۇزمەيدىغانلىقىڭ ئۈچۈن ، قىلغان ئاھۇ زارلىرىمىزغا قۇلاق سالىدىغانلقىڭ ئۈچۈن ، بىزگە ھەمرا بولىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭ رەھمەت ئېيتىمىز. ئەي رەببىم، ئ‍اشۇ ئازاپلار ئىچىدە ئۈمىدسىز قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا بىزنىڭ تارتىۋاتقان ئاشۇ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكىگە، ئۇنىڭدا سېنىڭ ئېسىل ئىرادىڭ بارلىقىغا ئ‍شىنەلىشىمىزگە ياردەم بەرگەيسەن